Turmush(Prod.by CuD) - ARN

歌手:ARN · 专辑:KIM SHUNDAQ BASHLIMIGHAN · 发行:2023-12-09
歌曲信息
歌曲名:Turmush(Prod.by CuD)
歌手:ARN
所属专辑:KIM SHUNDAQ BASHLIMIGHAN
作词:未知
作曲:未知
发行公司:未知
发行时间:2023-12-09
大小:2.75 MB
时长:03:00秒
比特率:129K
评分:0.0分
介绍:《Turmush(Prod.by CuD) - ARN》ARN & ARN演唱的歌曲,由未知作词、未知作曲。 如果你觉得好听,欢迎分享给朋友一起看看歌词,一起支持歌手!
Turmush(Prod.by CuD) - ARN文本歌词
作词 : SRSM
作曲 : SRSM
يالغۇز كېچە قولۇمدا رومكا گۈلگە قاراپ .
ئىچسەم گالدىن ئۆتمىدى ھەم يالغۇز شاراپ .
مەي تۇتسام ئايىغا ينىمغا ، كەلمىدى ئاي .
ياندا سايەم باقمىدىم ، مەن يالغۇزسىراپ
ئەمما ، لېكىن ئاينىڭ لېۋىنى مەندىن نېرى .
قويمىدى ، سايەممۇ ھالىمنى سوراپ .
ئىككى ھەمراھ دەپ ئويلىسام چاغلىق ئىكەن .
ئۆتكەن ئۆمرۈم باھار سىز بەكلا خاراب .
ناخشا ئېيتسام تولغىنار ئاسماندا ئاي .
ئايدىن كۈنلەپ سايەم ناخشىغا بەرمەي لاي.
ساق ۋاقتىمدا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن .
مەست بولغاندا ھېچكىم ماڭا قويمايدىكەن چاي .
ئىزدىمەيمەن ئۆزۈمگە ھەر ۋاقىت سىرداش .
تۇرمۇشۇمدا قىينالساممۇ بېرىمەن ، بەرداش .
بېشىمغا كۈن چۈشسە ئىزدىدىم ، ھەدەم .
ئىزدىگەن بۇرادەر ئاداش ئالدىراش .
تۇرمۇشنىڭ غەملىرى باستى يەلكەننى .
چۈشۈنۈپ يەتتىم ھەم ئۆز دەپ بىلگەننى .
ھېچ ئىش يوق ھەر ۋاقىت بېرىمەن بەرداش .
ئۈگەندىم مەنمۇ ھەم ئاداش ئالدىراش .
شۇنچە تاتلىق ، بۇ ھايات ياشاپ قانمىدىم .
تۈگىمەيدىكەن ، يوللىرى مېڭىپ ھارمىدىم .
سىناقلىرى تاۋلايدىكەن ، تۇرمۇش دېگەننىڭ .
قانچە مۈشكۈل مەيدەم ئىتسا ھەرگىز يانمىدىم .
قاراپ باق ، چېھرىم كۈلدى قەلبىم كۈلدىمۇ
مەن تارتقان شۇ دەردلىرىمنى ، ئىنسان بىلدىمۇ .
قان قۇسساڭمۇ يۈرۈيمەن چاندۇرماي دائىم .
ياتتىن بىرى ياقا چىشلىسە ، دوستۇم كۈلدۈمۇ
ئادەم كۆڭلى مۇرەككەپ ئىكەن ، چۈشەنمەك قىيىن .
ئىچ سىرىمنى دەۋېرىپ ، مەن تۇرسىلا يېقىن .
تاغ كەبى ئىشەنگەن دوستۇمدىن بېرى .
ئىشەنگەن قەلبىمنى قىلدى بىر تىيىن .
يات شەھەردە مۇساپىرمەن يۇرتۇمكەنغۇ ، بۇ چىراغ .
پۈتۈن ئالەم جىمىمايدىغۇ ، مەن خىيالدا ، بىراق .
ئۆيۈمنى ئەسلەپ تەبەسسۇم ، تەبەسسۇم چېھرىمدە كۈلكە .
كۈلۈپ تۇرىمەن ، كۆزلىرىم ئوخشىماس بىراق .
تەنھا بېلىق يېغىلدى ، بەلكىم سۇ ئىچىدە .
كەچتى كاللامدا ماڭا خىيال بۇ كېچىدە .
ساناپ ئۆتىمەن ئۆزۈمنى ھەر زامان ئەركەك .
دەردىم ئىچىمدە تىنمايمەن ھىچ كىشىگە.
مۇھەببەت دەپ قىز ئوغۇللار بىر بىرىگە كۆيدىكەن .
ھەرگىز ھېچنېمە لازىم ئەمەس ، چىن ئەقىدە دەيدىكەن .
تائابەت دەپ داۋراڭ سالغان شۇ مۇھەببەت نېرى تۇرسۇن .
ماڭا ۋەدە بەرگەن قىزچاق ئۆزىگە بىرگىمۇ كۆيىدىكەن .
دېيەلمىگەن گەپلىرىمنى يىغىپ ساقلاپ يۈرەك كۆمدۈم .
ئانامدەك ھېچكىم چۈشەنمەسكەن بىر بولۇڭدا سۈكۈتكە چۈمدۈم .
ماڭا ھەممىدىن چوڭ تەسەللىي سېغىنغان دادام تېلېفوننى .
ئانامنىڭ ئىللىق قويننى جەم بولىدىغان شۇ كۈننى كۈتتۈم .
ھېچ ھالىمنى سورالماس ئىكەن ، بۇرادەر دەپ ئىشەنگەنلەر .
كۆرۈپ قويدۇم باغرى تاش ئىكەن ، مەن ئەزىزلەپ سۆيۈشكەنلەر .
ھەممە ئۆزى ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىكەن مەن چارچىدىم .
ياشاپ باقاي ، ئۆزۈمنى سۆيۈپ ، ئىزدەر قەدىرىم ئۆتۈلگەنلەر .
ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەر بولدى ھۆرمىتى قۇربىم يەتكۈچە .
ئىزدېگەننى تاشۋەتمىدىم ، داۋام بولدى ، يوقاپ كەتكۈچە .
يېقىنلارنى ئىزدەپ تۇردۇم ، كەتكەنگە رىيازەت چەككۈچە .
پەش چېكىتنى قويۇپ تۈگەتتىم ، خاتىرەمگە ئاخىرقى بەتكىچە .
编辑于2023/12/12更新
Turmush(Prod.by CuD) - ARNLRC歌词
当前歌曲暂无LRC歌词
其他歌词